خىتاي باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، قورچاق رەئىس نۇرلان ئابىلمەجىن پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى تەكشۈرۈش داۋامىدا: «كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قورچاق رەئىس نۇرلان ئابلىمەجىن «بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش داۋامىدا، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى كونترول قىلىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق پۈتۈنلەي توقۇپ چىققان يالغانلىرىغا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىشەندۈرۈش مەقسىتىدە تەشۋىقات ساھەسىگە زور مىقداردا مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يالغان تەشىۋىقاتلىرىغا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىشەندۈرەلەيمىز دەپ قاراپ،  شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەندە ھەر جەھەتتىن ئىسكەنجىگە ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىپ توقۇپ چىققان سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىش ياكى خىتاينى جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 749 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2021 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق