چاۋۇشئوغلى: ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى قوغدىلىشى كېرەك

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى تۈركىيە پارلامېنتى پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىدا ئېچىلغان 2022-يىللىق خامچوت لايىھەسى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، قىرىم تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى تۈركىيە پارلامېنتى خامچوت كومىتېتى 2022-يىللىق خامچوت پىلانى يىغىنىدا: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاساسى ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى قوغدىلىشى كېرەك» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى يىغىندا: «بىز سۈرىيەدىن-لىۋىيە ۋە قاراباغغىچە بولغان نۇرغۇن رايونلاردا پائالىيەت قىلىۋاتىمىز، بىز قىرىمنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمىدۇق ۋە ئېتىراپ قىلمايمىز. بىز قىرىم تاتار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز» دېگەن. مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى رۇسىيەنىڭ قىرىم تۈركلىرىگە ئىجرا قىلىۋاتقان يولسىز قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان ۋە ئوچۇق ئاشكارا قىرغىن قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خىتاي بىلەن سودا ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش داۋامىدا، ئۇيغۇر تۈركلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش كېرەكلىكىنى داۋاملىق تەكىتلىدۇق. بۇ مەسىلىنى ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشۈشلەر ھەمدە خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئوتتۇرىغا قويدۇق. ب د ت دا 42 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2021 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق