تەيۋەن كومپارتىيەنىڭ تەھدىتىگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تەيۋەن بوغۇزىدىكى سەزگۈر ۋەزىيەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى تەيۋەن مۇستەقىللىقى كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۈچ ئاساسلىق ئەمەلدارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەيۋەن تەرەپ خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن ئىجرائىيە ئورگىنى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى جۈمە كۈنى كەچتە خىتاي كوممۇنىست دىكتاتورلۇقىنىڭ تەھدىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ يازما بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا، تەيۋەننىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دېموكراتىك جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي كوممۇنىستلىرى چېگرا ھالقىغان مۇناسىۋەتكە سەل قارىسا، تەيۋەننىڭ دېموكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئاداۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەن ھۆكۈمىتى زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى،  كومپارتىيەنىڭ كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە، يېقىندىن بۇيان كومپارتىيەنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان تەھدىتى سەۋەبلىك جىددىيلىك كۈچەيگەندىن باشقا، جازالاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقىنى، كومپارتىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مەيدانىغا قوشۇلمايدىغان كىشىلەرگە زەربە بېرىشىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى باشقا دۇنيا قارىشىدىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى، تەيۋەن خەلقى بۇنى ئېنىق كۆرگەنلىكىنى ۋە تەيۋەن خەلقىنىڭ بۇ ھەقتە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، كومپارتىيەنىڭ تەيۋەنگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، دېموكراتىك تۈزۈمنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئاشكارىلاپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ كومپارتىيەنىڭ ياۋايى ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولغاندەك، خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭ لىيەن 5-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى سۇ جېنچاڭ، ۋۇ جاۋشېي، يۇشى كۈن قاتارلىق بىر تۈركۈم تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئىككى قىرغاقنى قۇترىتىپ، يامان غەرەز بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇققا تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى، دۆلەتنى پارچىلاش غەرىزىدىكى تاشقى كۈچلەر بىلەن ئالاقە باغلىغانلىقى» نى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا قارىتىلغان ئىنتىزام جازاسى ئېلان قىلىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خىتايدىكى ھەرقايسى ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ شىركەت تارماقلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە خوجايىنلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 598 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2021 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق