خىتاي: تەيۋەننى قوللىغانلار ئۆمۈرلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ

يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي-تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، تەرەپلەرنىڭ بايانلىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئەسكەرلىرىنى مەخپىي مەشىق قىلدۇرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتاي جىددىيلىكنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننى قوللىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆمۈرلۈك جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە پوپوزا قىلدى.

ئانادولۇ ئاگىنتلىقىنىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە خىتاي رېجىمىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا تەھدىدلىك بايانلار بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. خىتاي رېجىمىنىڭ زۇۋانى بولغان تاراتقۇلار "3-دۇنيا ئۇرۇشى" بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى ۋە تەيۋەنگە «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق» ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئەمما بۇ تالاش تارتىشقا ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋىننىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشى خىتاينىڭ سەۋرچانلىقىنى توشقازدى ۋە قورقۇنچلۇق بايانات ئاخىرى كەلدى.

خىتاينىڭ رەسمىي باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلارنىڭ، بۇنىڭدىن ئۆمۈر بويى جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ۋە بۇ قوللاشنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

بۇ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان جىنايى جازالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى رەسمىي باياناتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە تەيۋەن ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىق ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى قايتا-قايتا جاكارلىغان بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچ ئىشلىتىپ تەيۋەننى تۇپراقلىرىغا قوشۇۋالالايدىغانلىقنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ «ئۇرۇش» ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە ئاللىقاچان ئارالنىڭ باش مىنىستىرى سۇ زېڭ چاڭ، پارلامېنت باشلىقى يۇ سى كۈن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ قاتارلىق ئىسىملارنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ تىزىملىكنىڭ كېڭىيىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

بۇ خەۋەر 570 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2021 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق