تالىبان ھۆكۈمەت تەركىبىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تالىبان يېقىندا قۇرغان ئافغانىستان ئىسلامى ئەمىرلىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىباننىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى بىلال كەرىمى 5-نويابىر كۈنى «ئافغانىستان ئىسلامى ئەمىرلىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى بولدى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىغا كەسپىي ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىسلام ئەمىرلىكى جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇتەخەسسىس ۋە ئىختىساسلىقلارنى تولۇقلاش ۋە ھۆكۈمەتكە كىرگۈزۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرۇلغىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشقا بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتتە بىرەر دۆلەتمۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايوندىكى دۆلەتلەر تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئافغانىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغان سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشى بىلەن باسقۇچلۇق ھالدا، ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ھەممىسىنى كونترول قىلغان. تالىبانلار ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ مەزكۇر دىپلوماتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىغانلىقى سەۋەبلىك دىپلومات ۋە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرغان ئىدى. تالىبان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن ئىلغار قوراللارنى غەنىيمەت ئالغان بولۇپ،  2003-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا ئۆزى بىلەن بىللە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئافغانىستان ئارمىيەسىگە زور مىقداردىكى ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى بەرگەن. ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇلار ھەر خىل تىپتىكى 358 مىڭ 530 مىلتىق، 64 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتومات، 25 مىڭدىن ئارتۇق قول بومبىسى قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى ۋە 22 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي ماشىنا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2021 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق