خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قىزىق لىنىيە سۇپىلىرىنى بىرلەشتۈردى

خىتاي ئاتالمىش «خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سۇپىسى» نامىدا 12345 نومۇرلۇق قىزىق لىنىيە سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ قىزىق لىنىيەلىرىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ مەركەزلىك باشقۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىر تۇتاش كونترول قىلىش پىلانىنى يولغا قويغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» 12345 مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە، ئاتالمىش «خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سۇپىسى»نى قوزغىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن ئاتالمىش «خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سۇپىسى» نى يولغا قويۇشنىڭ مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ: «بۇ لىنىيە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى، پۈتۈن گەۋدە بويىچە پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى يۆنىلىشىنى ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن لىنىيەگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ مۇلازىمەت لىنىيەلىرى 12345 قىزىق لىنىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلغان بولۇپ، قىزىق لىنىيەدىن 32 سى بىرلەشتۈرۈلگەن. خىتاي بۇ ئارقىلىق بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ مەزكۇر پىلاندىكى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ مەركەزلىك بىر تۇتاش كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2021 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق