پىروفېسسور مەھمەت ئۇيغۇر تازەباي ئەنقەردە ۋاپات بولدى

ئۇزۇن يىل تۈركىيە ئالىي مائارىپ ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان، سابىق ئالىي مائارىپ كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت ئۇيغۇر تازەباي 31-ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتتى.

پىروفېسسور تازەباي ئالىي مائارىپ كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش، دىپلوم تەڭپۇڭلۇق بەلگىسى ۋە ئالىي مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا كۆپ ياردەم ۋە مۇلازىمەتلەرنى قىلغان.

مەرھۇم تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىدە تۇنجى بولۇپ تەسەۋۋۇپ مەركىزىنى قۇرغان ئابدۇللا سەرمەت تازەباينىڭ ئوغلى بولۇپ، تازەباي ئائىلىسى شەرقىي تۈركىستاندا يىلتىز تارتقان قەبىلىلەردىن بىرى بولغان تۈمەنباي قەبىلىسىگە تەۋە ئىكەن.

ئۇنىڭ ئەجدادلىرى 1750-يىللارنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىن تۇرپانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن. بۇ ئائىلە 1800-يىللارنىڭ بېشىدا ئانادولۇغا كۆچۈپ كېلىپ، كىلېمات ۋە جۇغراپىيە جەھەتتە شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىلىس شەھىرىگە ئورۇنلاشقان.

پىروفېسسور مەھمەت ئۇيغۇر تازەباينىڭ 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنقەرەدە چۈشۈرۈلگەن مېيت نامىزىغا سابىق دۆلەت مىنىستىرلىرى، ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلاردىن ۋەكىللەر ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار قاتارلىق كۆپلىگەن كىشى قاتناشتى ۋە مەرھۇم كىلىس شەھىرىدىكى تازەباي ئائىلە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

پىروفېسسور مەھمەت ئۇيغۇر تازەباي 1934-يىلى سۇرىيەنىڭ ئازەز شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1955-يىلى گازىئانتەپ تېخنىكا دېھقانچىلىق باشقارمىسىنىڭ مەركىزى تەشكىلاتىدا دېھقانچىلىق تېخنىكى بولغان. 1978-يىلى تۈركىيە سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن تۈركىيە سودا-سانائەت ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇش بىرلەشمىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان بولۇپ، 1982-يىلى ئالى مائارىپ كېڭىشىنىڭ بىرىنچى باش كاتىپى بولغان. 1985-يىلى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن ئالى مائارىپ ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1988-يىلى ئالىي مائارىپ كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ۋە بۇ ۋەزىپىنى 1996-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان. ئۇ يۇنېسكو تۈركىيە مىللىي كومىسسىيەسىنىڭ ئىككىنچى رەئىسى بولغان بولۇپ، 1994-2006-يىللىرى ئارىسىدا ئەھمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەۋەللى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. مەھمەت ئۇيغۇر تازەباي ئۇزۇن يىل تۈرك دۇنياسى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغان.

بۇ خەۋەر 629 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2021 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق