خىتاي بۇ قېتىم فىرانسىيە خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە فىرانسىيە خەلقىنى ئالداش مەقسىتىدە، خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، فىرانسىيەدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى ھەمدە فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىرلىكتە سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىن ئۈرۈمچى ۋە پارىژدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي ۋاڭيى تورىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئاتالمىش «شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى» بىلەن خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى يۈ جىنسۇڭ، فىرانسىيەدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە بىر قانچە ئۇيغۇر قاتناشقان.

دائىرىلەر تور يىغىنىدا، پارىژ 8 ـ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دەپ دەۋا قىلىنغان مۇنىرە مۇختەرنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىسىنى ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن چەكلەپ باقمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان ۋە ساختا مەيدان ئارقىلىق فىرانسىيە خەلقى، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغان.

تور يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى يۈ جىنسۇڭ: «بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ تىنچ، ئىناق، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرلارنى ۋە فىرانسىيە خەلقىنى ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تونۇش، چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ھازىرغىچە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن ئاددىي سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ياكى تۈرمە، لاگېرلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلىق گۇۋاھلىقلارغا چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ساختا مەيدان ھازىرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ فىرانسىيەدەك بىر دۆلەتتە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنى يىغىن جەريانىدا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، مانا بىز ئۇلارنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈۋاتىمىز دېگەندەك ئەخمىقانە، كۈلكىلىك ئىشلارنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادا بىر كىشىنىڭ ئائىلىسى ۋە ياكى ھەرقانداق بىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ھېچكىمنىڭ ۋاستىچى بولۇشىغا ئېھتىياج يوقلىقىنى، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرىمەن دەپ قىلغان بۇ ئەخمىقانە ئىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2021 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق