خىتاي تەيۋەن ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازا تەدبىرىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان شەخسلەرگە ئىجرا قىلىنىدىغان جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندىكى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭ لىيەننىڭ ئېلان قىلىشىچە، تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا قارىتىلغان ئىنتىزام جازاسىدا يەنە، تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خىتايدىكى ھەرقايسى ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى چەكلىنىدىكەن. مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ شىركەت تارماقلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە خوجايىنلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدىكەن.

جۇ فېڭ لىيەن سۆزىدە يەنە، يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى سۇ جېنچاڭ، ۋۇ جاۋشېي، يۇشى كۈن قاتارلىق بىر تۈركۈم تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئىككى قىرغاقنى قۇترىتىپ، يامان غەرەز بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇققا تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى، دۆلەتنى پارچىلاش غەرىزىدىكى تاشقى كۈچلەر بىلەن ئالاقە باغلىغانلىقى»نى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: «بۇ مۇناسىۋەت خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت بۇزۇلۇشى مۇمكىن» دەپ جار سالغان.

بۇ خەۋەر 597 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2021 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق