ئامېرىكا تاموژنىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قالدى

ئامېرىكا تاموژنىسى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن خىتاي شىركىتىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەسىنى تۇتۇپ قالغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 4-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى قاتتىق كونترول قىلىشنى نىشانلاپ، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ئىشلەپچىقارغۇچى لوڭجى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا تاموژنىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ باھالىغان. بۇنىڭدا خېشېڭ كىرىمنىي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ۋە بۇ مەھسۇلاتلاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالغان.

4-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن  گۇۋاھلىقلىرىغا قارىماي ئىنكار قىلغان ھەمدە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ: «مەجبۇرىي ئەمگەك نەزەرىيەسى پۈتۈنلەي يالغان» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى ئورۇنسىز تۇتۇپ قالغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

لوڭجى شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇياش ئېنېرگىيەسى ئەسلىھەلىرى 2020-يىلى پۈتۈن دۇنياغا ئورنىتىلغان ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %14.8 نى ئىگىلەيدىكەن.

كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي بولسا  قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 2011-يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، 2020-يىلى دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %76 نى ئىگىلىگەن.

بۇ خەۋەر 674 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2021 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق