بايدېن خىتايغا قارشى يېڭى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

بايدېن خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، «قايتىدىن تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىدا «قايتىدىن تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەشەببۇس بويىچە بولغاندا، 2050-يىلغا بارغاندا كىلىمات بۇلغايدىغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ سىجىل يولىنى بەلگىلەيدىكەن. بايدېننىڭ بۇ تەشەببۇسى نۆۋەتتە كېڭىيىۋاتقان خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن.

بايدېن مەزكۇر تەشەببۇسىنى ئىزاھلاپ: «دۆلەتلەر ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، قۇرۇلۇشنى باشلىغاندا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلايسىز» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن شوتلاندىيەنىڭ گىلاسگوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبىرى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش دەرىجىسىنى 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدىكى كىلىمات ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئاللىقاچان باشلانغان. بۇ ھەپتە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى دالىپ سىنگى باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى گانا ۋە سېنېگالنى زىيارەت قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ يىل 9-ئايدا يەنە لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، سىنگى ئورگانلار ئارا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كولومبىيە، ئېكۋادور ۋە پاناماغا بارغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئوخشىمىغان رايونلارنى بىر نەچچە قېتىم زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 1159 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2021 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق