خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەھدىت سالدى

ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا «تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىغا خاتا سىگنال بەرمەسلىك» ھەققىدە تەھدىت سالغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى كۈنلىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ياۋروپا تەرەپنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشى ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى، بولمىسا بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەيۋەنگە زىيارەت قىلىپ كەلگەن ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن پەيشەنبە ئەتىگەندە ئۇچراشقاندا، تەيۋەن بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «تاشقى كۈچلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېموكراتىك ئىشلىرىغا ئارىلىشىش مەسىلىسى» ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ 13 كىشىلىك رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چارشەنبىدىن جۈمەگىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، زىيارەت داۋامىدا تەيۋەن بىلەن يالغان ئۇچۇر، تور ھۇجۇمى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئەتىيازدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتايغا جازا يۈرگۈزگەنىدى. خىتاي بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى پارلامېنت ئەزاسى رافېل گىلۇكسماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون شەخس ۋە تۆت ئورگانغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى خىتاي-ياۋروپا-ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 604 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2021 10:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق