ئالدىنقى ئون ئايدا 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇلغان

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئون ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىن 102 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت توكنى خىتاي ئۆلكىسىگە توشۇغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇش كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ يىل 3-پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇش مىقدارى ئۇدا ئۈچ ئاي 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشقان. خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى يېڭىدىن 13 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت كۆپەيتىلگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايوننىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» نامىدا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان 102 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت توك 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان 34 كۈنلۈك توك ئېھتىياجىنى قامدىغانغا باراۋەر ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى يەنە يىل ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇلىدىغان توك مىقدارىنى 120 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى توك كەمچىل بولۇش ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە، كۆمۈر ئارقىلىق توك چىقىرىش ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى خىتايغا توشۇشنى تېزلەتكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تەڭشەپ ئىقتىدارىنى 1 مىليون 800 مىڭ كىلوۋات ئاشۇرغان، شۇنداقلا 186 تۈرلۈك توك توختىتىش پىلانىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورى سىرتقا يەتكۈزىدىغان توك مىقدارىنى 300 مىليون كىلوۋات سائەت كۆپەيتكەن.

بۇ خەۋەر 704 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2021 10:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق