شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش داۋاملاشماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر قىسىم سىنلار خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلماقتا.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بارلىق ئەمگەكلەرنىڭ پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقانلىقىنى دەۋا قىلىپ، تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا 50 كە يېقىن ئوغۇل-قىز ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاپتوبۇس ئېلىپ مېڭىلغانلىقى، ئاپتوبۇستىكى بوش يەرلەرنىڭ لىق يۈك-تاق ۋە چامادانلار بىلەن تولغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەردىن ۋە سىنغا كىرىشتۈرۈلگەن ناخشىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.

يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشتىن تەركىب تاپقان قىز-ئوغۇل، ئەر-ئاياللار ئېتىزدا قىزىل مۇچ ۋە پەمىدۇر ئۈزۈۋاتقان بولۇپ، ھەر كىشىگە ۋەزىپە بۆلۈپ بېرىلگەن. ئېتىزدا يەنە نازارەتچىلەر بار بولۇپ، ئىشلەۋاتقانلارنى كۆزىتىپ تۇرغان. باشقا بىر سىندا بولسا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق يېيىش ئۈچۈن يىغىلغانلىقى، بىر خىتاينىڭ ئۇلارغا تاماق تارقىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىرگە، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ئەمگەككە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن يۆتكەپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 733 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2021 10:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق