تەيۋەن خىتايغا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى

تەيۋەن دائىرىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش قىلمىشىدىن قوغدىنىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن جىڭياڭ 3-نويابىر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ ئاۋازى ياكى سۈرىتىنى ياساپ چىقىپ، تەيۋەننىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىشى، كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق سايلىمىغا، شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قانۇن تۇرغۇزۇش ئىدارىسى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، مۇئاۋىن قانۇن ئىشلىرى مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ يېڭى شەكىلدىكى جىنايى ھەرىكىتىنىڭ دۆلەت ۋە خەلقكە بولغان تەھدىتى ۋە تەسىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شۈ گويۇڭ مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دائىم تور ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۆپىنچە ھۇجۇمنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن جىڭياڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن يىلىلا 40 مىڭدىن ئارتۇق تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ يىل بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 10 مىڭدىن ئارتۇق تور ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتاي سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئارقىلىق ياساپ چىققان، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان تالاش-تارتىشلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 559 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2021 09:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق