NBC بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تارقاتماسلىققا چاقىرىلدى

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشقا شېرىك بولمايلى» دېگەن تېمىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، NBC نى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تارقىتىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 3-نويابىر بىر تۈركۈم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لوس ئانژېلېستىكى دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى NBC نىڭ بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، NBC دىن كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۇلاپ تارقىتىش پىلانىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، خوڭكوڭلۇقلار، موڭغۇللار ۋە باشقا مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلايلى»، «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك، تەيۋەن خەلقىگە ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «كىشىلىك ھوقۇق يوق يەردە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ بولمايدۇ» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەر NBC باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف شېلغا مەكتۇپ تاپشۇرغان بولۇپ، 200 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىمزا قويغان. مەكتۇپتا NBC نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، NBC قانىلى 2014-يىلى يەتتە مىليارد 750 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، 2032-يىلىغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ماي ئېيىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان.

گەرچە خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە قارشىلىقلارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، 18-ئۆكتەبىر گىرېتسىيەدىكى قەدىمىي ئولىمپىيە مەيدانىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ مەشئىلىگە ئوت تۇتاشتۇرۇلۇپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جون كوتېس بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدە ئەمەسلىكىنى، ئولىمپىكقا ساھىبخانلىق قىلغان دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقتىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى داۋاملىق كۈچەيمەكتە.

بۇ خەۋەر 1041 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2021 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق