ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىغا بولغان مۆلچەرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان بولۇپ، خىتاي 2030-يىلغا بارغاندا مىڭ تال يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەشبۇرجەكلىك بىنا چارشەنبە خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرىغا بولغان مۆلچەرىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ 2027-يىلغا بارغاندا 700 يادرو ئوق بېشىغا، 2030-يىلغا بارغاندا 1000 يادرو ئوق بېشىغا ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە بۇ ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى يادرو قورال ئامبىرىدىن كۆرۈنەرلىك ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇلتۇرقى مۆلچەرىگە سېلىشتۇرغاندا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بەشبۇرجەكلىك بىنا 2030-يىلىغىچە خىتاي ئىگە بولىدىغان يادرو ئوق بېشىنىڭ 400 گە يېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پارلامېنتقا سۇنۇلغان خىتاي ھەربىي ئىشلىرى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتتا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا بېسىمىنى كۈچەيتىشىگە، خىمىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك قورال ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىسى قايتا تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يادرو قورال ئامبىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى نىشانى يادرو كۈچىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش بولۇپ، خىتاي ئاللىبۇرۇن ئۈچ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشقا باشلىغان. قورال كونترول قىلىش بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى دارىل كىمبال: «خىتاينىڭ ئامېرىكا مۆلچەرلىگەندەك پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرماسلىقى ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ۋە ھەرىكىتىگە باغلىق» دېگەن.
خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدىن ئاز ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ دىيالوگقا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئامېرىكىنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى خىتاي بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە چۈشۈرۈشى كېرەك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ 3750 تال يادرو ئوق بېشى بار بولۇپ، 1-سېنتەبىرگە قەدەر 1389 دانىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى خىتاينى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى قورال كونترول قىلىش شەرتنامىسىگە قاتنىشىشقا كۆپ قېتىم چاقىرغان.