خىتاينىڭ ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش گۇرۇپپىسى» شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشخانىسى 31 – نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى» 28-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا ئالاھىدە سالاھىيەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە مەسئۇل بولىدىكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 29-ئۆكتەبىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش گۇرۇپپىسى»نى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان.

يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان بېسىم ۋە باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش گۇرۇپپىسى مۇقەررەركى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ... پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى جار سالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرخىل ناملار، باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش گۇرۇپپىسى»نى ئەۋەتىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىنىڭ ۋە بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 792 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2021 10:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق