ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-نويابىر تەيۋەنگە زىيارەتكە بارغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ چەتئەلنىڭ دېموكراتىك مۇساپىگە ئارىلىشىشىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس كومىتېتىنىڭ تەيۋەندە ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت تەشكىللىگەنلىكىنى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەننى رەسمىي زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تەيۋەننىڭ دېموكراتىك مۇساپىسىگە ئارىلاشقان چەت ئەل كۈچلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىدىكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، فىرانسىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافېل گىلۇكسمان تەيۋەنگە بېرىشتىن ئىلگىرى: «تەيۋەن سىرتتىن ئىزچىل ھالدا كېلىۋاتقان مۇرەككەپ ساختا ئۇچۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا دېموكراتىيەنى چەكلىمىگەن ئاساستا، بارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەردىن پايدىلاندى. بۇ خىل تەجرىبە ئىنتايىن ئالاھىدە» دېگەن.

ئالدىنقى ئايدا ياۋروپا پارلامېنتى تۇنجى قېتىم «ياۋروپا-تەيۋەن سىياسىي مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىق» قارارىنى ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەننىڭ ياۋروپا ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ نامىنى «ياۋروپا ئىتتىپاقى تەيۋەن ئىشخانىسى»غا ئۆزگەرتىش ۋە ئىككى تەرەپ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق پىلانلار بار ئىكەن.

بۇ يىل ئەتىيازدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتايغا جازا يۈرگۈزگەنىدى. خىتاي بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى پارلامېنت ئەزاسى رافېل گىلۇكسماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون شەخس ۋە تۆت ئورگانغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

بۇ خەۋەر 1011 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2021 09:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق