خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا مەخسۇس ھەرىكەت باشلاپ، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇشنى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان ھېسابىدا ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە قانۇنلۇق ۋىزا ئالغان نۇرغۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرگەندە ئامېرىكا خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى، ھەتتا بەزى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلار خىتايغا قايتماقچى بولغاندا، ئامېرىكا ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىنغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، نىيۇيورك ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى 28-سېنتەبىر مەكتەپنىڭ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمىتى بۆلۈمىدىن كەلگەن ئېلخەتنى تاپشۇرۇۋالغان. خەتتە مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بەزى زۆرۈر ماتېرىياللارنى تاپشۇرمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى سالاھىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىمۇ ئىناۋەتسىز قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقەدە 40 قا يېقىن خىتاي ئوقۇغۇچى تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار دەرس باشلىنىپ بىر ئاي بولمايلا مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلغان. مەكتەپ تەرەپ بولسا ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ نىيۇيوركتىكى باش كونسۇلخانىسى بۇ قائىدىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر بولغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچى، ئوقۇغۇچىلارنى جاسۇسلۇق ياكى ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىش قىلمىشى بۇندىن بۇرۇن كۆپ قېتىم ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 663 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2021 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق