ياخۇ شىركىتى خىتايدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ياخۇ شىركىتى خىتايدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سودا ۋە قانۇن مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبلىك، خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياخۇ شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سودا ۋە قانۇن مۇھىتى سەۋەبلىك، 1-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ ياخۇنىڭ تولۇق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياخونىڭ خىتايدىن چېكىنىش ۋاقتى خىتاي بۇ يىل ئاۋغۇستتا ماقۇللىغان «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىغا ئۇدۇل كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر قانۇن 1-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ قانۇندا شەخسلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغىشقا بولىدىغان شەرتلەر بەلگىلەنگەن بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى چەت ئەلگە يۆتكىگەندە سانلىق مەلۇماتنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەنگەن.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، يېڭى يولغا قويغان مەخپىيەتلىك ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرى خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئېنىقسىز بولغان تەننەرخنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا بەزى شىركەتلەر خەۋپكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، خىتايدىن چېكىنىشنى قارار قىلغان.

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى LinkedIn مۇ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى ۋە بۇ ھەقتىكى باياناتىدا LinkedIn نىڭ خىتايدىكى يەرلىك ئىشلەتكۈچىلىرىگە خاس قىلىنغان نۇسخىسىنى تەمىنلەشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تور سۇپىسىغا بولغان كونترول تەلىپىگە بويسۇنۇش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى كۈچلۈك تەرىقىدە قوللايدىغانلىقىنى، بۇ قارارىنىڭ خىتاي ۋە دۇنيادىكى ئۆز ئەزالىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 670 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2021 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق