خىتاي پۇقرالىرىنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى زاپاس ساقلاشقا چاقىردى

خىتاي يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي سودا مىنىستىرلىكى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالارنى جىددىي ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى زاپاس ساقلاشقا چاقىردى.

1-نويابىر خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تور بېتىدە تارقىتىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا پۇقرالار جىددىي ئېھتىياجلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى زاپاس ساقلاشقا چاقىرىلغان، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ يېمەكلىك يېتىشمەسلىك خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنمىغان. ئۇقتۇرۇشتا بارلىق جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش ئېقىمىنى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، گۆش، دانلىق زىرائەت، ماي ۋە كۆكتات زاپىسىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2020-يىلنىڭ بېشىدا خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى سەۋەبلىك، كۆپ رايوننىڭ قامال قىلىنىشى ۋە تاشيوللارنىڭ تاقىلىشى بىلەن، تەمىنلەش زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قالغان. كېلەر يىلى 2-ئايدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەمەلدارلار يېڭى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە نۇرغۇن جايلاردا قايتىدىن باش كۆتۈرگەن خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىلغان. نۆۋەتتە خىتايدا ئالتە مىليون پۇقرا قامال ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىق غەربىي شىمالدىكى لەنجۇ شەھىرىدە ئىكەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى تۈنۈگۈن يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 71 يېڭى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1-نويابىر بولسا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 92 بولۇپ، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بىر كۈن بولغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتەبىر ئېيىدا 28 خىل يېمەكلىكنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا %16 ئۆسكەن. ئۇندىن باشقا بۇلتۇر شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى يېمەكلىك تېجەشكە چاقىرىپ، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىمۇ دىققەت قوزغىغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىكى تارقاتقان ئۇقتۇرۇش ئاخبارات ساھەسىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بولۇپ، قىسمەن تەھلىلچىلەر بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. خىتاي رېجىمىنىڭ زۇۋانى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن دۈشەنبە ماقالە ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنى ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرمەسلىككە چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 960 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2021 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق