بايدېن: خىتاي بىلەن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ئەندىشەم يوق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۈتۈلمىگەن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن 2-نويابىر مۇخبىرغا ئېيتقان سۆزىدە شى جىنپىڭغا ئېنىق قىلىپ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا رىقابەت بارلىقىنى، ئەمما قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدىن سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە توقۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەندىن سىرت، شى جىنپىڭنىڭ كىلىمات يىغىنىغا قاتناشمىغانلىقىنى «چوڭ خاتالىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدېن مۇخبىرلارنىڭ: «يېقىندا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىڭىز بارمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ بىلەن توردا كۆرۈشۈشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 679 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2021 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق