خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە قامىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۈندىدار توپى سۆھبىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ غۇلجا خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىگە سولاپ قويغىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان.

ئۈندىدار توپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارغا قىلغان شىكايەت ۋە تەلەپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن 10-ئاينىڭ بېشىدا بارلىق كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلەپ، ئۆيلىرىگە قاماپ قويغان. قامالنىڭ 18-ئۆكتەبىر بوشىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق 28-ئۆكتەبىرگىچىمۇ بىكار قىلىنمىغان.

ئۈندىدار توپىدا قىلىنغان شىكايەتلەردە يەنە خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسىگە قامىغاچقا خەلقنىڭ ئاچ قالغانلىقى، كۆپ قىسىم ئائىلىلەردىكى ئەرلەرنىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. مەزكۇر توپتا خەلق قاتتىق زارلىنىپ: «ئائىلىدە ئەرلەر يوق، ئائىلىنىڭ ھەممە يۈكى ئاياللارغا قالدى... كىرىم مەنبەسى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، بەك قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق... يىغىپ قويغان پۇللار تۈگىدى، ئۇن ۋە كۆكتاتلار تۈگىدى... كۈنلۈك ئىشلەپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقان ئىدۇق. بىر تەرەپتىن سوغۇق، بىر تەرەپتىن ئاچلىق قىيناپ كېتىۋاتىدۇ، كېسەلدىن ئەمەس، بەلكى ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدۇق... ئۆيدە ئىسسىنىدىغان كۆمۈر يوق، قامالنى بوشاتسا قىشلىق كۆمۈر ئېلىۋالساق بولاتتى. قىشلىق كۆمۈر ئالغىلى پۇل يوق، قانداق قىلارمىز؟» دېگەندەك نارازىلىق سۆزلىرى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارغا شىكايەت قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، 7-ئۆكتەبىر ئىلى ۋىلايىتىگە تەۋە كۆكدالا شەھىرىدە ئىككى كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى 5-ئۆكتەبىر يېڭىدىن بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقىنى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار تۆت ئىكەنلىكىنى، بۇلار ئىچىدىكى ئىككى بىمارنىڭ قورغاستا بايقالغانلىقىنى، ئىلى ۋىلايىتىگە جايلاشقان كۆكدالا شەھىرىدە ئىككى بىمار بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن كۆكدالا شەھىرىنى قامال قىلغان بولۇپ، يېڭىدىن بايقالغان ئىككى بىمار بىلەن ئۇچراشقان 200 گە يېقىن كىشىنى مەخسۇس ئورۇندا تېببىي كۆزەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. خىتاي مۇشۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن ناھىيە، شەھەرلەرنى قامال قىلغان. رايوندا ۋىرۇس يۇقۇمى قايتا كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە قامالنى بوشاتمىغان.

بۇ خەۋەر 827 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2021 11:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق