خىتاي پۇتبول كۇلۇبى توك پۇلىنى تۆلىيەلمىگەچكە ياشلار كوماندىسىنى دەم ئېلىشقا چىقاردى

خىتايدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ بىرى بولغان Hibey FC كوماندىسى مەشىق قىلىش يەرلىرىنىڭ توك پۇلىنى تۆلىيەلمىگەچكە ياشلار كوماندىلىرىنى دەم ئېلىشقا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇلۇبنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئاممىغا مەلۇم بولغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، Hibey FC مەشىق ئەسلىھەلىرىنىڭ توك ھەققىنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمەيدىغان ئەھۋالدىدۇر. شۇڭلاشقا چىقىملارنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە 12، 13، 16 ۋە 17 ياشتىن تۆۋەن كوماندىلارنىڭ توپچىلىرى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. دېگەنلەر بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر خىتاي رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ، ئۆي-مۈلۈك شىركىتى China Fortune ئىگىدارچىلىقىدىكى كۇلۇبنىڭ يېڭى مەبلەغ سالغۇچى تېپىلغۇچە پائالىيەتنى توختاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرنىڭ ئارقىدىن چىقتى.

نۆۋەتتە كۇلۇبنىڭ دېكابىردا قايتا باشلىنىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى نامەلۇم.

Hibey FC نىڭ بۇ يىل ۋەيران بولغان ئىككىنچى پۇتبول كوماندىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى پارچە سېتىش زەنجىرى Suning نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جياڭسۇ FC پۇتبول كوماندىسى 2-ئايدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن پائالىيىتىنى توختاتتى. ئىتالىيە ئىنتېر مىلان پۇتبول كوماندىسىنىڭ پايچېكى سۇنىڭ ئالدىنقى پەسىل خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغان كوماندىنى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە كوماندىسى تيەنجىن تيەنخەي 2020-يىلى مايدا ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

خىتاي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى A دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى سەۋەبىدىن ، 8-ئايدىن 12-ئايغىچە دەرىجىدىن تاشقىرى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى سالاھىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ئىدى.

فوربېس ژورنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ۋەيران بولۇش گىردابىغا كەلگەن 2015 Hibey FC-يىلى خىتاي بايلىق شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بازار قىممىتى 90 مىليون دوللار، يىللىق كىرىمى 22 مىليون دوللار بولغان خىتايدىكى ئەڭ قىممەتلىك 7-پۇتبول كوماندىسى ئىدى.

بۇ خەۋەر 1165 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2021 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق