سىنگاپور مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەسخىرە قىلىنغان كىتابنى چەكلىدى

سىنگاپور ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كارتون رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاخبارات ۋە نەشرىيات بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئورگىنى ئۇچۇر ئالاقە ئاخبارات تەرەققىيات ئىدارىسى (Infocom Media Development Authority) «قىزىل سىزىق: سىياسىي كارتون ۋە تەكشۈرۈشكە قارشى تۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كومىسسىيە بۇ كىتابنى «ئەيىبلەنگەن كىتاب» دەپ ئاتىغان. بۇ كىتابتا، چارلى ھىبدو تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ۋە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە قارشىلىق  ھەرىكەتلىرىنى قوزغىغان كارتون فىلىملەر بار ئىكەن. چارلى ھىبدو كارتونلىرى 2006-يىلى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققاندا «زور دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ئىرقچىلىق» دەپ قارىلىپ تەنقىدلەنگەن.

تەكشۈرۈش كومىسسىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتابتىكى مەزمۇنلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغاندىن سىرت، خىرىستىيان دىنى ۋە ھىندى دىنىنى ھاقارەتلەيدىغان نەقىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىتابنىڭ باسما نۇسخىسىنى ئىمپورت قىلغانلىقى ياكى ساتقانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەنلەرگە 3700 دوللار جەرىمانە ۋە بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «قىزىل سىزىق» ناملىق كىتابنى خوڭكوڭدا ياشايدىغان سىنگاپورلۇق مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى چېريان جورج بىلەن سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق ھەجۋىي رەسىم ئۇستىسى، يازغۇچىسى سۈننىي ليۇ يازغان. بۇ كىتاب ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا «MIT Press» تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەكشۈرۈلگەن كارتونچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. 2015-يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان كارتون فىلىملىرىنى ئېلان قىلغان «Charlie Hebdo» ژۇرنالغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 12 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

سىنگاپوردا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئاساس قىلىنغان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار بار بولۇپ، سىنگاپور قانۇنىدا دىنىي ياكى ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، ئۆچمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان نەشرىيات بۇيۇملىرى ۋە ھەرىكەتلەرنى قاتتىق جازالايدىكەن.

بۇ خەۋەر 1034 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2021 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق