تەيۋەن ۋەكىلى: «CPTPP» ھەمكارلىقىغا قېتىلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (APEC) يىغىنىدا سۆز قىلغان تەيۋەن رەھبىرى شۇنداقلا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش چەكلىك شىركىتى (TSMC) نىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ جوڭموۋ 2-نويابىر كۈنى تەيۋەننىڭ تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى (CPTPP) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەننى مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى قوللاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جاڭ جوڭموۋ يېڭى زېلاندىيە ساھىبخانلىقىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار قاتناشقان توردا ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان.

ئۇ سۆزىدە، پىرېزىدېنت سەي يىڭۋىننىڭ ئۇنىڭدىن يىغىندا تەيۋەننىڭ CPTPP غا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە CPTPP دۆلەتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سەي يىڭۋىن سېنتەبىر ئېيىدا: «مەيلى قاتتىق دېتال، قانۇنلۇق ۋە جەمئىيەت جەھەتتىن بولسۇن، تەيۋەننىڭ CPTPP غا قاتنىشىش شارائىتى تولۇق تەييارلاندى. تەيۋەننىڭ CPTPP غا كىرىشى تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا ئورنىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تېخىمۇ بىر يەرگە كېلەلەيدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن ئىقتىساد مىنىستىرى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: "تەيۋەننىڭ CPTPP غا كىرىش ئىچكى جەھەتتە ئاسان، ئەمما خىتايدىن كەلگەن سىياسىي ئامىللار يەنىلا كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلالمىدى. ئەزالىق ئىلتىماسىغا كەلسەك، ھېچقانداق ئەزا دۆلەتنىڭ تەيۋەننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرىشىگە قارشى تۇرۇشتەك باشقىچە پىكىرنى ئاڭلىغىنىمىز يوق" دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن تەيۋەن نۆۋەتتە، ئاسىيا تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى (CPTPP) غا قاتنىشىش مەسىلىسىدە قاتتىق رىقابەتكە چۈشكەن بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى تەيۋەننى قوللىغان بولۇپ، سىرتتىن قىلغان بېسىملىرى تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

بۇ خەۋەر 679 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2021 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق