خىتاي دائىرىلىرى قىزىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون»نىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش، ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» نامىدا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىگە مەجبۇرلاش جىنايى قىلمىشىلىرىنى ئىزچىل مۇستەھكەملەشنى تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئۆكتەبىر ئاتالمىش« ئاپتونوم رايون» نىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسى ئاچقان مەخسۇس يىغىندا، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەرەبىزم، زوراۋان-تېررورىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قاتتىق تەكىتلىگەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەرەبىزم، زوراۋان - تېررورىزم» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىقلارغا قارىماستىن يەنىلا كونا سەپسەتىلەر ئارقىلىق باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي بۇ قېتىملىق مەخسۇس يىغىندا يەنە؛ ئاتالمىش «ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ئىگىلەش ۋە مۇستەھكەملەش، ئاممىۋىي پىكىر يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەش»نى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگانلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى كوممۇنىزم ئىدىيەسى ھەمدە خىتاي مەدەنىيىتىگە مەجبۇرلاشنى، ھەرخىل تەشۋىقات ۋە زورلارش ئارقىلىق ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىدىن ئايرىش، زىچ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تارقاقلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەتتا خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئىشچىلار خۇددى تاۋار بازارغا سېلىنغاندەك زاۋۇت-كارخانىلارغا تونۇشتۇرۇلماقتا.

بۇ خەۋەر 1142 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2021 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق