شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى ئابدۇساتتار ھاجىم ۋاپات بولدى

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇساتتار ھاجىم 1-نويابىر ئىستانبۇلدا 54 يېشىدا ۋاپات بولدى.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ماددىي ۋە مەنىۋى قۇربانلىقلارنى بەرگەن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەرۋاقىت قوللاپ كېلىۋاتقان ئابدۇساتتار ئۆزگۈر ھاجىم 1-نويابىر دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن زەيتىنبۇرنۇ ئەمىنە ئىنانچ جامىسىدە چۈشۈرۈلۈپ، كوزلۇ مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى.

ئابدۇساتتار ھاجىم 1967-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى مەرھۇمنىڭ دادىسى ئابدۇلئەھەد ھاجىم ھەجگە بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنى پاكىستاننىڭ لاھوردىكى مەۋدۇدىي ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بەرگەن. شۇندىن باشلاپ مەرھۇمنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتى باشلانغان. كېيىن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تىجارەت قىلغان. مەرھۇم 2000-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، شۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى مۇھىم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ جەرياندا نەشرىياتچىلىق، ئۇيغۇر مائارىپى قاتارلىق ساھەلەرگە نۇرغۇن ماددىي ياردەملەرنى قىلغان.

ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلسۇن، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن، ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.

بۇ خەۋەر 1318 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2021 18:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق