خىتاي تۈركىيەنى باجدا ئېتىبار قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتتى

خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسى كېلەر ئايدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا باج ئېتىبار قىلىش (GSP) گۇۋاھنامىسى چىقىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسى يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئەنگلىيە، كانادا، تۈركىيە، ئۇكرائىنا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا GSP گۇۋاھنامىسى چىقارماسلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاموژنا باشقۇرۇشتىكى ئومۇمىي ئېتىبار تۈزۈمىگە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئەنگلىيە ، كانادا، تۈركىيە،  ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان ئېتىبار باھادىكى تولۇقلىما بېرىلمەيدىكەن. خىتاي تاموژنىسى بۇنىڭدىن كېيىن GSP نىڭ گۇۋاھنامىسى چىقارمايدىكەن. ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان مال توشۇغۇچى گۇۋاھنامىگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئېتىبار بېرىلمەيدىغان گۇۋاھنامىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەھسۇلات ئېكسپورتىنىڭ تاموژنا بېجى ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان رەسمىي ھۆججەت «GSP» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقئارا سودىدىكى ئورنىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ دۆلەتلەر خىتاي بەھرىمەن بولۇۋاتقان GSP نى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى GSP گۇۋاھنامىسى بىلەن تاموژنا بېجى ئېتىبار بېرىش قائىدىسىدىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن. شۇڭلاشقا خىتايمۇ ئالاقىدار دۆلەتلەرنى بەھرىمەن قىلىۋاتقان «GSP» گۇۋاھنامىسى بېرىشنى تەدرىجىي توختاتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلار (ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى) ئۈچۈن GSP نىڭ ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسى تارقاتمايدىكەن. 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئەنگلىيە، كانادا، تۈركىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلارغا GSP گۇۋاھنامىسى تارقاتمايدىكەن.

شىۋېيتسارىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا GSP دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلار كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار GSP نىڭ گۇۋاھنامىسىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولسا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆز ئالدىغا «ئەركىن سودا رايونى» قۇرۇپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەت ۋە رايونلارنى مايىل قىلىش مەقسىتىدە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىدىكەن. تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، ھەتتا نۆل دەرىجىدە تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن قىلىشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي ئاتالمىش «ئەركىن سودا رايونى» قائىدىسى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە يەمچۈك تاشلاپ، مەنپەئەت بېرىش ئارقىلىق ئۆزىگە جەلب قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنى پارچىلاشقا، تۈركىيەنىمۇ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆتلەر قاتارىدىن چىقىرىش ئارقىلىق خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «ئەركىن سودا رايونى»غا كىرىشكە مەجبۇرلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 839 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2021 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق