خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى لىتۋانىيەگە تەھدىت سالدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لىتۋانىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن ئۆزئارا ۋاكالەت ئورنى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قارشى تەھدىت سېلىپ، لىتۋانىيەنى خاتا يولدا داۋام قىلماسلىققا چاقىرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پارلامېنتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى بىرلىشىپ، لىتۋانىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن ئۆزئارا ۋاكالەت ئورنى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ لىتۋانىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن ئۆزئارا ۋاكالەت ئورنى تەسىس قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىگە خىلاپ ئەمەس، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان بېسىمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىر خىتاي پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئالاقىسى قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي باياناتىدا يەنە، لىتۋانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندا بەرگەن سىياسىي ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشقا، شۇنداقلا تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان خاتا قارار چىقارماسلىققا، ياۋروپا تەرەپنى خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاشىلا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 652 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2021 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق