خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى داۋام قىلماقتا

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قورچاق ئەمەلدارلار يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامىدا مەجبۇرىي چېتىلغان ئائىلىلەرگىچە كىرىپ تەشۋىق قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى تاۋ يۇڭشېڭ ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش نامىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگىچە ئارىلاپ كىرىپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان.

خەۋەردە يەنە، « 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتتىگەندىلا، تاۋ يۇڭشېڭ ساقچى فورمىسىنى كېيىپ، تۇغقىنى تاجىگۈل يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كىردى» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي مەجبۇرى يولغا قويغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ماراقچىلىق قىلغان.

خەۋەردە يەنە، نەزەرباغ بازىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر ـ يېزا تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئائىلىلەرگىچە كىرىپ،  كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە ماراقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، نەزەرباغ ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار ۋە ياردەمچى ساقچىلار دائىم ئائىلىلەرگە ئۈسۈپ كىرىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەرنى كۆزەتكەن. ئۇلار بۇ بىر يىل ئىچىدە، جەمئىي 970 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ماراقچىلىق قىلغان.

 كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي ئالدىنقى يىللىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، لاگېردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» تېررور سىياسىتىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئېلان قىلغان ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ ئېلان قىلغان تەشۋىقاتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2021 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق