خىتاي ماھىر ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە بىچارىلەرچە مەغلۇپ بولدى

30-ئۆكتەبىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبىدىكى ئىتتىھاد مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە (UFC) تېگى چېچەنىستانلىق شىۋېتسىيە پۇقراسى، كەسپىي ئەركىن مۇشتلىشىش ماھىرى ھەمزە چىمايوف ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە رەقىبلىرىنى يېڭىپ خورىكى يوغىناپ كەتكەن خىتاي ماھىر لى جىڭلياڭنى بىرىنچى مەيداندىلا ئېغىر مەغلۇپ قىلدى.

ھەمزە چىمايوف ئىلگىرى ئۈچ قېتىم شىۋېتسىيەنىڭ چېمپىيونى بولغان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 13 ئايدىن بۇيان ھېچقانداق مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. شۇنداقتىمۇ  ئۇ بۇندىن ئىلگىرى نۇرغۇن رەقىبىنى يەڭگەن لى جىڭلياڭنى بىرىنچى مەيداندىلا يەر چىشلەتتى.

قوڭغۇراق ئاۋازى چېلىنىشى بىلەن تەڭلا ھەمزە چىمايوف لى جىڭلياڭغا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇۋېلىپ كۆتۈرگىنىچە قەپەسنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان UFC رەئىسى دانا ۋايتنىڭ ئالدىدا تاشلىدى ۋە ئۇنىڭغا توۋلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق رەقىبلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «يەنە كىم بار؟ مەن باشقىسى بىلەن ئۇرۇشمايمەن... ماڭا بىروك لېسنارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. بىروك لېسنار بولسا ئامېرىكىلىق سابىق ئەركىن مۇشتلاش دۇنيا چېمپىيونى.

ھەمزە مۇسابىقە باشلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا لى جىڭلياڭنى بېلىدىن تۇتقىنىچە ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە يىقىتتى ۋە ئۇنىڭ قايتا ئورنىدىن تۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەي، بېشىغا توختىماي قاتتىق ئۇردى. ئاخىرىدا ھەمزىنىڭ قوللىرى ئارىسىدا گېلىدىن بوغۇلغان لى جىڭلياڭ نەپەس ئالالماي، قىسقا ۋاقىتلىق ھوشىدىن كېتىش بىلەن مەغلۇپ بولدى.

2020-يىلدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك كەلگۈسى چولپان، يېڭىلمەس ماھىر، دەپ قارالغان ۋە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ كۆپ قېتىم دوختۇرخانىدا داۋالانغانلىقى سەۋەبلىك 13 ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە چۈشكەن ھەمزە چىمايوف دۇنيادا 11-ئورۇندا تۇرىدىغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى لى جىڭلىياڭنى ئېغىر مەغلۇپ قىلىش بىلەن UFC ھاياتىنى قايتا باشلىدى.

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2021 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق