خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى: تور ئويۇنى شىركەتلىرىگە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىمىز

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن تور ئويۇن شىركەتلىرىگە قارىتىلغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئالتە تارماق جۈمە كۈنى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي ئىسىمنى تىزىملاش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شۇنداقلا تور ئويۇن ئابونتلىرىنىڭ ھېساباتقا كىرىش مەسىلىسىنى بىرلىككە كەلگەن سىستېمىغا كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا تور ئويۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، تور ئويۇن شىركەتلىرى تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامۇۋاپىق ئويۇن ياكى ئەقلى ئىقتىدارلىق ئويۇن بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. يەرلىك نەشرىيات باشقۇرۇش تارماقلىرى تور ئويۇنىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئالدىن تەستىقلاش سىستېمىسىنى يولغا قويۇدىكەن. تور ئويۇن شىركەتلىرىنىڭ تور مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى كۈچەيتىلىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمە بويىچە، تور ئويۇن شىركەتلىرى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20 دىن 21:00 گىچە بولغان بىر سائەتلىك تور ئويۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. باشقا ۋاقىتلاردا، ھەر قانداق شەكىلدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مەكتەپلەرنى تور ئويۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ مۇستەبىت، تېررور سىياسىتىدىن نارازى بولۇۋاتقان خىتايلارنىڭ سانى ئېشىپ، تور ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردا نامۇۋاپىق مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى چەكلەش نامىدا، خەلققە قارىتىلغان تور نازارەتچىلىكى ھەمدە تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 883 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2021 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق