تۈركىيەدە ئۈچ خىل خىتاي مەھسۇلاتىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلاندى

تۈركىيەدە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈنئىي خۇرۇم ، تالالىق ئەينەك ۋە سىيرىتما ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن ئاخىرقى تەكشۈرۈش باشلاندى.

مىللىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى تەييارلىغان ئۇقتۇرۇشلار رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن سۈنئىي خۇرۇم ئىمپورت قىلىشتا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى ئېنىق تەدبىرنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈشى باشلاندى.

تەكشۈرۈشتە تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرى بىكار قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، تۆكمە قىلىپ سېتىشنىڭ ۋە زىياننىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاخىرقى تەكشۈرۈشنى باشلاش قارار قىلىنغان.

تەكشۈرۈشتە يەنە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان «ئەينەك تالالىق كۈچەيتمە ماتېرىياللار ۋە ھەرخىل سىيرىتمىلارنىڭمۇ تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى ئاخىرقى تەكشۈرۈشنى باشلاش قارار قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1241 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2021 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق