قورچاق ئەمەلدارلار مەجبۇرىي ئەمگەكنى يەنە ئىنكار قىلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

خىتاي ياشلار تورىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى بۆلۈمى» نىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇداگاڭ: «پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى ئىشچى -خىزمەتچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان ئىشلار يوق» دېگەنلەرنى بىلجىرلاپ، تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان ھەمدە گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بەرگەن ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، سانجى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر قانچە كىشىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئۇلار يىغىن مەيدانىغا سىن ئارقىلىق ئۇلىنىپ، خىتاي ئۇرۇنلاشتۇرۇغان سۆز ۋە جۈملىلەرنى تەكرارلاپ دۇنيا خەلقىگە ئېنىق ئايان بولغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان.

تور ئارقىلىق نەق مەيدان سۆزى قىلغان خېجىڭ ناھىيەسىدىن مەمەت كېۋىر خىتاي سۆزلەشكە بۇيرۇغان سەپسەتىلەرنى تەكرارلاپ: «غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىزنىڭ پەمىدۇر سانائىتى ئىشلىرىمىزغا توسقۇنلۇق قىلدى. بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىدۇق» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر: خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ سۈپەتلەشكە باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى ھەمدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1073 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2021 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق