خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى يېڭىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىدا، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننى يېڭىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۈرۈمچى تور ساقچىسى قانۇن ئىشلىرى تورىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن تەشكىللەپ، 10-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن قارارلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىش يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا كېيىنكى بەش يىل جەريانىدا «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىمىز» دېگەن نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. يىغىندا يەنە، يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش تېررور سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى بولغانلىقىنى نومۇسسىزلارچە تەكىتلەپ: خەلق ئاممىسى دائىم تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدا يۈكسىلىش بولۇپ، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى؛ دىن ساھەسى ئىجىل-ئىناق بولۇپ، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىدېئولوگىيە بازىسى مۇستەھكەملىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي ئالدىنقى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا سەككىز مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلارغا سولانغاندىن سىرت، ئاتالمىش «شىنجاڭنى خىتايلاشتۇرۇش»، ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» قاتارلىق رەزىل پىلان دائىرىسى ئىچىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇيغۇرلارنى باشقا يۇرتلارغا مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇردى ھەمدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرى ھالدا ئاتا – ئانىسىدىن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيەت مۇھىتىدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ، مىللىي ئاڭ، مىللىي تۇيغۇ، مىللىي مەدەنىيەتتىن مەھرۇم ھالدا تەربىيەلەشكە ئۇرۇندى ۋە ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە پاش قىلىپ، خىتاينى ئۆز جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرىكەتتە بولۇشىنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 982 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2021 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق