خىتاي ئافغانىستان-تاجىكىستان چېگرا رايونىغا قاراۋۇلخانا قۇرماقچى

تاجىكىستان پارلامېنتى تاجىكىستان ساقچىلىرىغا ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا بازا قۇرۇش ئۈچۈن خىتاي مەبلەغ سالماقچى بولغان قۇرۇلۇش پىلانىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ تاجىكىستان بىلەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن. خىتاي ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچىلىرىنىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان قاراۋۇلخانا تاجىكىستاننىڭ شەرقىدىكى پامىر تاغ تىزمىسىدىكى گورنو-بەدەخشان ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان. بۇ ئورۇن شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى بەدەخشان ئۆلكىسى بىلەن چېگرالىنىدىكەن . تاجىكىستان پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى بۇ يەردە خىتاي ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇ ھەقتە باشقا تاراتقۇلار ئىلگىرى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ پارلامېنت ئېلان قىلغان خەۋەرلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ: 10 كۈن ئىلگىرى پارلامېنت مۇزاكىرە قىلغان تاجىكىستان-خىتاي كېلىشىمىنىڭ خىتاينىڭ تاجىكىستاننى 55 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشكە چېتىشلىق بولۇپ، بۇ مەبلەغ تاجىكىستان ئىچكى قىسىمدا تەشكىللىك جىنايەتكە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئالاھىدە مۇلازىمەت ئەترىتى ئۈچۈن ھەربىي بازا قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ خىتاي بىلەن تاجىكىستان ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ يەنە بىر يېڭى ھەمكارلىق تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي ئىلگىرى تاجىكىستان ئۈچۈن ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ئورۇنغا بىر قانچە چېگرا پونكىتى قۇرۇپ بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەربىي بازا -گازارما، ياتاق، ئىشخانا بىناسى، ئاشخانا، كۆزىتىش مۇنارى ۋە سۇ ساقلاش پونكىتى قاتارلىق ھەر خىل ياردەمچى ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچە بىناغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 3550 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. خىتاي بۇ تۈرنىڭ لايىھەلىنىشى، ماتېرىياللىرى ۋە قۇرۇلۇشىغا، ھەتتا ئاساسىي ئىشخانا بىناسى ۋە باشقا بىنالاردىكى كومپيۇتېر، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق ھەر خىل ئىشخانا ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ تاجىكىستاندا چېگرا مۇداپىئە پونكىتى قۇرۇپ چىقماقچى بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا: «بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى چۈشەنمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پىلان تاجىكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوۋ يېڭى تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۈچۈن ھۆكۈمەتتە تېخىمۇ كۆپ ۋەكىللىك تەيىنلەشكە چاقىرغان. تاجىكلار ئافغانىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، تالىبان تەرەپ تاجىكىستاننى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان تاجىك قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىمام ئەلى راخمانوۋ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغان.

بۇ خەۋەر 822 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2021 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق