ئامېرىكا: تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بېرىمىز

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى« ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تەيۋەن ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ساندرا ئودكېرك 29-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ساندرا ئودكېرك تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 26-ئۆكتەبىر ب د ت غا ئەزا بولغان بارلىق دۆلەتلەرنى تەيۋەننىڭ ب د ت سىستېمىسىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا چاقىرغان. بلىنكېن بۇ ھەقتە قىلغان باياناتىدا: «تەيۋەن يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان ب د ت نىڭ بەزى ئالاھىدە ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كەلدى. بۇ پاكىت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەيۋەننىڭ تۆھپىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما يېقىندا تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ تۆھپە قوشۇش تىرىشچانلىقىغا رۇخسەت قىلىنمىدى» دېگەن. بلىنكېن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ قوغدىنىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 700 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2021 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق