خىتاي جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتىنى ئاقلاپ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتىنى ئاقلاپ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى سەۋەبلىك خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەك جىنايى  قىلمىشىغا چېتلىغان شىركەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن جازالانغان. ھەتتا جازاغا ئۇچرىغان بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ۋەيران بولغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاي مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتىنى يالغانچىلىق بىلەن ئاقلىماقتا ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا، ئۇيغۇر قورچاق ئەمەلدارلىرىدىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت، ئاتالمىش «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» مۇدىرى بۇھاجەر ئابدۇللاھ قاتارلىقلار ھەمدە ئاتالمىش «شىنجاڭ خېشېڭ كىرىمنىي سانائەت چەكلىك شىركىتى» نىڭ خىزمەتچىسى ئايگۈل سىدىق، قەشقەر شەھىرىدىن نۇرگۈل نۇرى، ئاتۇشتا تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى دەۋا قىلىنغان ئالىمجان ئابدۇرېشىت، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىدىن تۇراخان ئىدرىس قاتارلىق ئامما قاتناشتۇرۇلغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ بىلەن ئېلىجان ئانايەت سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىگە قارشى تۇرىمىز. شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىسى مىللىي، دىنىي، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئامېرىكانىڭ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلىشىش مەسىلىسىدۇر، ئامېرىكا تەرەپ بۇنى قايتا ئويلىنىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، ئاتالمىش «شىنجاڭ خېشېڭ كىرىمنىي سانائەت چەكلىك شىركىتى» نىڭ خىزمەتچىسى ئايگۈل سىدىق، قەشقەر شەھىرىدىن نۇرگۈل نۇرى، ئاتۇشتا تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى دەۋا قىلىنغان ئالىمجان ئابدۇرېشىت، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىدىن تۇراخان ئىدرىس قاتارلىقلار خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان تەرتىپ بويىچە سۆز قىلغان. ئۇلار خىتاي مەجبۇرىي سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان سۆز -جۈملىلەرنى تەكرارلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان ۋە خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە قارشى تەدبىر ئالغان ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ  ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ جازالانغانلىقىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تېخىچە ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە يۇقىرىقىدەك نومۇسسىزلارچە باھانە كۆرسەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ ساختىپەزلىكىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك، ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 875 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2021 13:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق