ۋاڭ يى: خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشى كېرەك

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تالىبانلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 27-ئۆكتەبىر ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىندا سىن ئارقىلىق سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئافغانىستان بىلەن قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يى سۆزىدە: «تالىبانلار خەلقئارا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ، خىتاي مۇۋاپىق بىر پەيتتە، ئافغانىستاندىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ» دېگەن.

27-ئۆكتەبىر كۈنى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئىران، پاكىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان. خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سىن ئارقىلىق قاتناشقان. ئەمما يىغىنغا تالىبان تەرەپ تەكلىپ قىلىنمىغان.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف سىن ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە، ئافغانىستان ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرىنى ئۆز زېمىنىدا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا يول قويماسلىققا چاقىرغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالدىنقى ئايدا 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىن يىغىنىدىمۇ تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانىستانغا يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازانى توختىتىشقا چاقىرغانىدى.

تالىبان ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغان ئافغانىستاننى كونتروللۇقىغا ئېلىپ، يېڭى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تالىبانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئافغانىستانغا ئاتالمىش «ئىنسانپەرۋەرلىك، دوستلۇق» نامىدا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئافغانىستاننى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 692 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2021 10:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق