خىتاي كېيىنكى بەش يىلدا ئىسلام دىنىنى داۋاملىق خىتايلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» پارتىيە گۇرۇپپىسى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاچقان يىغىنىدا، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» پارتىيە گۇرۇپپىسى 26-ئۆكتەبىر 10-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن قارارلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىش يىغىنى چاقىرغان. يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىندا كېيىنكى بەش يىل جەريانىدا «ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش» دېگەن نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. يىغىندا يەنە 2022 ـ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى كونترول قىلىش»نى چۆرىدىگەن ئاساستا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ئالدىنقى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا سەككىز مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولانغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، جۈملىدىن ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى، نەچچە مىڭلىغان دىنىي زاتلار، ئۆلىمالار ئۆلتۈرۈلدى ياكى تۈرمىگە تاشلاندى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە پىسەنت قىلماستىن، كېيىنكى بەش يىلدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە پاش قىلىپ، خىتاينى ئۆز جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 906 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2021 10:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق