خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن ھەربىي ئالاقىسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكچى بولسا، خىتاينىڭ بۇنىڭغا «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى تەن كېفېي بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەندىن پايدىلىنىپ خىتاينى كونترول قىلىش خام خىيالىدا تەرسالىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكچى بولسا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە مۇناسىپ جاۋاب بېرىدۇ» دەپ تەھدىت سالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زىيارەت گۇرۇپپىسى ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى جەمئىيىتىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىلىشقا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ چاقىرىلغان. تەن كېفېي بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلماقتا. ئامېرىكا تەرەپكە بۇ ئەھۋالدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق ھەمدە ئامېرىكا تەرەپتىن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق» دېگەن.

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق يوسۇندىكى رەسمىي ئالاقە ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي سىياسىتى» ھەققىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، «تەيۋەن قارتى»نى داۋاملىق ئويناپ، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىغا خاتا سىگنال بەرگەنلىكى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئەكس تەسىر بەرگەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭ ۋېن  CNN قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەندە مەشىققە ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۈگۈنكى باياناتىدا سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە ئورۇنلاشقانلىقىنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى، ھەربىي ئالاقە خادىملىرىنىڭ تەيۋەنگە كېلىشى بىلەن تەيۋەنگە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن سەيشەنبە كۈنى ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى تەيۋەننىڭ پۈتكۈل ب د ت سىستېمىسىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قوللاشقا چاقىرغانىدى.

بۇ خەۋەر 1094 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2021 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق