تۈركىيە ب د ت يىغىنىدا خىتايغا كەسكىن رەددىيە بەردى

تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلى خىتاينىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ئەيىبلىشىگە قارىتا: «بىز سىلەردىن دەرس ئالىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىدۇق» دەپ رەددىيە بەردى.

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ تۈركىيەنى سۇرىيە مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلى ئۇنىڭغا كەسكىن رەددىيە بېرىپ: «بىز خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلغۇچىلاردىن دەرس ئالغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىدۇق» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى مۇزاكىرىدە تۈركىيەنى فۇرات دەرياسى سۈيىنىڭ ئازىيىشى ۋە سۇ ئەسلىھەلىرىنىڭ قىسقارتىلىش مەسىلىسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە تۈركىيەنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.

فەرىدۇن سىنىرلىئوغلى سۇ ئەسلىھەلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا بەرگەن جاۋابىدا، سۇ ئەسلىھەلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنىڭ ب د ت باش كاتىپىنىڭ دوكلاتىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/YPG ۋە سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ بۇ مەيدانى تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدىن ئۆچ ئېلىش، دەپ تەھلىل قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ب د ت دا تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىم قېتىلىشى بىلەن، 43 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 1422 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2021 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق