ھىندىستان خىتاينىڭ يېڭى چېگرا قانۇنىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چېگرا قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭىدىن ماقۇللىغان قانۇنىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 27-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ئالدىنقى ھەپتە ماقۇللىغان چېگرا قانۇنىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ئالدىنقى ھەپتە ماقۇللىغان «خىتاي قۇرۇقلۇق چېگراسى قانۇنى»دا 22000 كىلومېتىر قۇرۇقلۇق چېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە مۇداپىئە تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن. خىتاينىڭ بۇ قانۇنى رۇسىيە ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 دۆلەت چېگراسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئارىندام باگچى باياناتىدا: «خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمە قانۇن چىقىرىش قارارى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى چېگرا باشقۇرۇشتىكى ئىككى تەرەپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان چېگرا مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېگەن.

ئارىندام باگچى باياناتىدا يەنە: «بىز خىتاينىڭ بۇ قانۇننى باھانە قىلىپ ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا رايونلىرىدىكى ۋەزىيەتنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا تالاش-تارتىشىشى ھازىرغىچە ھەل بولماي داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ چېگرا بويىدىكى چوڭ رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ مىڭلىغان ئەسكەرلىرى ھىمالايا تېغى چېگراسىدىكى لاداخ رايونىغا داۋاملىق توپلانغان. گەرچە ئىككى تەرەپ 10 قېتىمدىن ئارتۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئارمىيەسى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ جىددىي تىركىشىش ھالىتىنى داۋام قىلىپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 671 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2021 13:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق