خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلارنى قايتا سايلاپ چىقتى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلارنى قايتىدىن تەڭشەپ چىقتى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 25-ئۆكتەبىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنى ئاچقان بولۇپ، 10-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، باش سېكرېتار ، مۇئاۋىن سېكرېتار ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى قاتارلىق يېڭى سايلانغان قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان.

يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ سېكرېتارلىقىغا چېن چۈەنگو، مۇئاۋىن سېكرېتارلىققا ئەركىن تۇنىياز تەيىنلەنگەن. ئۇندىن باشقا قورچاق ئەمەلداردىن زۇمرەت ئوبۇل، يۈسۈپجان مەمەت، ئىلزات ئەخمەتجان قاتارلىقلار كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلانغان.

يىغىندا يەنە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 10-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن سېكرېتارى، دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى سايلاپ چىقىلغان. باش سېكرېتارلىققا تيەن شياڭلى سايلانغان. مۇئاۋىن سېكرېتارلىققا ئۇيغۇرلاردىن ئادىل ئېلى، قازاقلاردىن قابدۇللا قىيسابىيا سايلانغان.

خىتاي بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا قورچاق ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش مەسىلىسىدە، ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىدېئولوگىيە جەھەتتە باستۇرۇش، خىتايلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىغا ئاكتىپ ھەمكارلاشقان ئەمەلدارلارنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويغان. مۇئاۋىن سېكرېتار، شۇنداقلا مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن 59 ياشلىق ئەركىن تۇنىياز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان ئەڭ سادىق قورچاق ئەمەلدارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يەنە ماقالە، يازمىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى»گە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى خوتەن ۋىلايەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان. 2014-يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئۇ 2018-يىلى «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇيلى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالە خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغانىدى. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى تۈرك مىللىتىگە چېتىشنىڭ «پانتۈركىزمچىلىكلەرنىڭ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ» تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر كادىرلار ۋە زىيالىيلارنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» چۈشەنچىسىدە ئېغىپ كەتكەنلىكىنى جار سالغانىدى.

بۇ خەۋەر 851 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2021 11:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق