خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات يىغىنى بۇ قېتىم تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقات يىغىنى ئۆتكۈزدى.

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورگان تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 22-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» بىرلىكتە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەخسۇس سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كۆپلىگەن دۆلەتلەردە تەشكىللىگەن مەزكۇر ساختا تەشۋىقات يىغىنىنى بۇ قېتىم تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن.

يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى، قورچاق ئەمەلدار شەۋكەت ئىمىن، مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، تۈركىيە تەرەپتىن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە «ساباھ گېزىتى»، «شەپەق گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى قاتناشقان.

تور يىغىنىدا شەۋكەت ئىمىن، خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ تونۇشتۇرغان. ئۇلار سۆزىدە قېلىپلاشقان جۈملىلەرنى تەكرارلاپ: «يېقىندىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلق خاتىرجەم، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ھېچقانداق ئاساسسىز ھالدا شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ ھەممىسى يالغان» دەپ بىلجىرلىغان.

يىغىنىدا يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ساختا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغان. تور يىغىنىدا يەنە قەشقەردە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى»نى پۈتتۈرگەنلىكى دەۋا قىلىنغان، يەرلىك ئەمەلدارلار، دىنىي زاتلار دەپ تونۇشتۇرۇلغان شەخسلەر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ساختىپەزلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن زىيارەت قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە بولسا ساختا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 835 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2021 11:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق