بىلىنكېن: بارلىق ئەزا دۆلەتلەر تەيۋەننىڭ ب د ت سىستېمىسىغا قاتنىشىشىنى قوللىشى كېرەك

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى تەيۋەننىڭ ب د ت سىستېمىسىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا چاقىردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنبىرىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مۇھىم خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى، ئەسلىدە بۇ ئورگانلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەننىڭ تۆھپىسىدىن زور پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلىنكېن باياناتىدا: «تەيۋەن يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان ب د ت نىڭ بەزى ئالاھىدە ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كەلدى. بۇ پاكىت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەيۋەننىڭ تۆھپىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما يېقىندا تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ تۆھپە قوشۇش تىرىشچانلىقىغا رۇخسەت قىلىنمىدى» دېگەن.

بىلىنكېن باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە گەرچە ۋىرۇس يۇقۇمى دۇنياغا تەسىرى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق تەيۋەننىڭ يەنىلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارغا قاتنىشالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 663 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2021 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق