خىتاي تور ئابۇنىتلىرى باشقۇرۇش نىزامىغا يەنە تۈزىتىش كىرگۈزدى

خىتاي تور-ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى تور ئابۇنىتلىرىنىڭ ھېساب نامىنى باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تور-ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى 26-ئۆكتەبىر تور ئابۇنىتلىرىنىڭ ھېساب نامى ھەققىدىكى ئۇچۇر باشقۇرۇش نىزامى (تەكلىپ لايىھەسى)نى ئېلان قىلغان بولۇپ، تور ئابۇنىتلىرى ھېسابات مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ھېساب تىزىملاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندە، ۋەسىيلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر نىزامنامە بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھەقىقىي كىملىك ئۇچۇرى ئاھالىلەرنىڭ كىملىك نومۇرى ۋە ۋەسىيلىرىنىڭ ھەقىقىي كىملىك ئۇچۇرىغا ئاساسەن دەلىللىنىدىكەن.

خىتاي يەرلىك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ مەزكۇر نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى مەقسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە تور ئابۇنىتلىرىنىڭ ھېسابات نامى ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش، ياخشى تور مۇھىتىنى قوغداش ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى 2015-يىلى 1-مارت رەسمىي يولغا قويۇلغان «تور ئابۇنىتلىرىنىڭ ھېساب نامىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، يىللاردىن بېرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ھەقىقىي ئىسىمدا تىزىملىتىش تۈزۈمىنى تېخىمۇ چىڭىتقان.

بۇ خەۋەر 637 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2021 10:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق