سۇدان ئارمىيەسى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتتى

سۇدان ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق سۇدان كابىنېت ئەزالىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇدان ئارمىيەسى تۈنۈگۈن سۇدان كابىنېت ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بىر ھەربىي گېنېرال ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەن. ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قارشى تۇرغۇچىلار كوچىغا چىقىپ قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۆزئارا ئېتىشىش يۈز بەرگەن ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى گېنېرال ئابدۇل فەتتاھ ئەل بۇرھان پۈتۈن مەملىكەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، كېڭەش ۋە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇچۇر مىنىستىرلىكى خەلقنى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قارشى تۈمەنلىگەن خەلق كوچىلارغا چىقىپ، پايتەخت خارتۇمدىكى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىگە يېقىن جايدا توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا كەم دېگەندە 12 كىشى يارىلانغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرى سۇدان پايتەختى خارتۇمنىڭ كوچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي قىسىمنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇلار پۇقرالارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىگەن. نامايىشچىلار بولسا دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ماشىنا چاقلىرىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 597 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2021 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق